Uyghurئاساسىي لۇغەت
توغراقلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. توغراق كۆپ ئۆسكەن، توغراق بىلەن قاپلانغان.
دەل شۇ پەيتتە توغراقلىق ئورمان ئىچىدىن ئالماس باشلىغان ئاتلىق يىگىتلەر ئېتىلىپ چىقتى.
ئى. توغراق كۆپ ئۆسكەن، توغراق بىلەن قاپلانغان جاي.
ئۇ توغراقلىق ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىردى.
چەرچەن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
توغراپ قويۇلغان، توغرالغان.
ئىشكاپتا بىر لېگەن توغراقلىق نان تۇراتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
توغراق ئورمانلىقى؛ توغراقلىقتەك مەزمۇت كىشى.