Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۆزمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر قانداق ئىش _ ھەرىكەتكە تاقابىل تۇرماق.
دۈشمىنىڭ جاپا سالسا چىداشنى بىل. ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ. چىدىغانغا چىقارغان، گۆش بىلەن ياغنى پۇلغا ئالغان. چىدىماسنىڭ ئۆيى پايلىماسنىڭ قېشىدا. بەرداشلىق بېرىش _ ياخشى خىسلەت. قىيىنچىلىق تۆزگەن ئۇتىدۇ.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
قانماق، مەسىلەن:
ئۈچ يىل بولدى كۆرمەدىم،
ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەدىم.
مەيلىڭ يوقمۇ كۈلمەيسەن،
تۈزۈك ئويناپ تۆزمەدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بەرداشلىق بەرمەك، چىدىماق.
سۆيگەن يارىڭ بۇنداق قېلىپ، چەتنى كۆزلىگەن. جاھىللىقىڭ شۇ ئەمەسمۇ، بىرگە تۆزمىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىئال. كۆنمەك؛ قانماق.