Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك
بىئولوگىيە
低等植物
dīděngzhíwù
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىك تۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتە يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماققا دىففېرېنسىيىلەنمىگەن بولىدۇ (ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ)؛ ئىچكى تۈزلۈشى جەھەتتە ئادەتتە توقۇلمىلار دىففېرېنسىيىلەنمەيدۇ، كۆپىيىش ئورگىنى تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، زىگوتىسى يېتىلىش ۋاقتىدا ئانا تېنىدىن ئايرىلىدۇ، تۆرەلمە ھاسىل قىلمايدۇ (تۆرەلمىسىز ئۆسۈملۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇرۇن تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتەتتى.