Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۆۋەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرىنىڭ تەتۈرى؛ ئېگىز ئەمەس
توققۇز ئوننىڭ تۆۋىنىدە. شاخنىڭ مېۋىسى كۆپ بولسا، تۆۋەنگە ئېگىلەر. ئاتتىن ئېگىز، ئىتتىن پەس ( ئۇنېمە؟). ئالتىن ئارتۇشنىڭ ئەنجۈرى داڭلىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پەس تەرەپ، پەس ئورۇن، پەس دەرىجە.
يۇقىرى ، ئۈستۈن
ئۈستۈن تەرەپ، ئۈستۈن ئورۇن، ئېگىز تەرەپ، ئېگىز ئورۇن، ئۈستۈن دەرىجە.
سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا ماڭىدۇ. شامال تۆۋىنىدىن كېلىدۇ. ئاپتاپ يۇقىرىدىن. تۆۋەننىڭ يۇقىرىسى بار، يۇقىرىنىڭ تۆۋىنى. نەزەرى ئۈستۈن، نەرخى تۆۋەن.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
جەنۇب، جەنۇب تەرەپ («تۆۋەينى» مۇ دېيىلىدۇ). مەسىلەن:
ئاتنى توقۇڭلا،
كېلىپ بۇ يەرگە.
مىنىپ قاچايلى،
تۆۋەن خوتەنگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. پەس، ئاست.
مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن (ماقال).
گۇندىپاي كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى.
ئى. مەلۇم بىر نەرسىنىڭ پەس، ئاياغ تەرىپى.
بۇ بۇلاق ئېگىز ئېتىز قىرىنىڭ تۆۋىنىدە بولغاچقا، يېزا تەرەپتىن قارىغاندا، بۇ يەر كۆرۈنمەيتتى.
سۈپ. كۆچمە. نەتىجە، سۈپەت جەھەتتىن ناچار، دەرىجىسى كېيىن.
ئۆتكەن قېتىملىق ئىمتىھانغا ئايالىم قاتناشقان، نەتىجىسى بەك تۆۋەن چىقىپ قالدى.
سۈپ. دەرىجە جەھەتتىن نىسبەتەن كەينىە تۇرىدىغان، يۇقىرى ئەمەس.
شۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتىكى قوشنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، تۆۋەن سىنىپتا ئوقۇيدىغان دىلشات بوغچىسىنى ئېسىپ چىقىپ كەلدى.
سۈپ. كۆچمە. ئاز، كەم؛ قىممەت ئەمەس.
دېمەك، ئۆي بۇ ئەھۋالدا ئىكەن، ئۇنىڭ ئىجارىسىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىدۇق.
سۈپ. پەس، كۈچسىز؛ ئاستا.
تۆۋەن ئاۋاز.
ئىشنىڭ سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن خېلى تۆۋەنىدى.
ئى. كۆچمە. تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇن، تەشكىلات.
شۇمۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر باشلىقى قىلىدىغان ئىشمۇ؟ مېنىڭ بىر نەچچە كۈن تۆۋەنگە كەتكەن ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ - ھە!