Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆت ساتيا
دۇنيا تارىخى
四帝
sì dì
سانسكرىتچە: Catursatya نىڭ تەرجىمىسى. تۆت مۇقەددەس ھەقىقەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇددا دىنىنىڭ تۈپ دىنىي ئەقىدىسى. تۆت ساتياسى، سەۋەب ساتياسى، خالاس ساتياسى ۋە يول ساتياسى دىن ئىبارەت بولۇپ، مەنىسى تۆت خىل ھەق دېگەنلىك، ئۇلار بۇددىزمنىڭ ئومۇمى كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئازاب ساتياسى كىشىلىك ھاياتىدىكى تۈرلۈك ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى، يەنى تۇغۇلماق، قېرىماق، ئاغرىماق، ئۆلمەك، كۆيۈنمەك - ئايرىلماق، ئاداۋەت - نەپرەتلەنمەك، ئارزۇسىغا يېتەلمەسلىك، بەش كاندىھادىن ئىبارەت سەككىز ئازابنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سەۋەب ساتياسى، كۆپلىگەن ئازابلارنىڭ سەۋەبلىرىنى، يەنى ئازاب - ئوقۇبەتنىڭ يىلتىزى ھەۋەس بىلەن نەپسانىيەتتە ئىكەنلىكىنى (ھەۋەس بىلەن نەپسانىيەت ئۆزئارا مۇناسىپ بولۇپ، كۆڭۈل بۇلغىنىدىغانلىقىنى) چۈشەندۈرىدۇ. بۇددا دىنى كىشىلەردە نەپسناىيەت بىلەن ھەۋەس بولىدىكەن، مۇقەررەر قىلمىش - ئەتمىش بولىدۇ، قىلمىش - ئەتمىشتىن كېيىن جەزمەن ئۇنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى بولىدۇ؛ سەۋەب - نەتىجە بولىدىكەن، چوقۇم قايتا تۆرىلىپ، باشقىدىن ئازابلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. خالاس ساتياسى ئازاب - كۈلپەت سەۋەبىنى خالاس قىلىپ، نىرۋانىغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. نىرۋانا بۇددا دىنى ئويدۇرۇپ چىققان تۇغۇلمايدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان ھەمدە زادىلا قايتا تۆرەلمەيدىغان ئەڭ يۈكسەك ماكان. يول ساتياسى نىرۋانىغا ئېرىشمەك ئۈچۈن قىلىش زۆرۈر بولغان تائەت - ئىباەت يوللىرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. <تۆت ساتيا> سىنىپىي زۇلۇمدىن بولىدىغان ئازاب ئوقۇبەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېغىزغا ئالمايدۇ. ئۇ بىر خىل پاسسىپ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن ئىبارەت.