Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆتىنچى نۇقتىلىق پىلان
دۇنيا تارىخى
第四点计划
dì sì diǎn jì huà
ئارقىدا قالغان رايونلارغا تېخنىكا ياردىمى بېرىش پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ بىر خىل شەكلى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىننىڭ 1949-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خىزمەتنى تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغا <تۆت نۇقتىلىق ئاساسىي ھەرىكەت پرىنسىپى> نىڭ تۆتىنچى نۇقتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئاتالغان. ئۇنىڭدا ئارقىدا قالغان رايونلارنى ھازىر بار بولغان ئىلغار ئىلىم - پەن ۋە تەرەققىي تاپقان سانائەتتىن پايىلىنىپ ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋە دادىل پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا <تەرەققىي تاپمىغان> دۆلەتلەرگە <تېخنىكا ياردىمى> بېرىپ ۋە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنى ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېيىلگەن. 1950-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تۆتىنچى نۇقتىلىق پىلان ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان <سىرتقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قانۇنى> نىڭ تۆتىنچى پاراگرافى، يەنى <خەلقئارا ئېچىش قانۇنى> قىلىنغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياستىنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.