Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۆر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تور، يۇقىرى، يۇقىرى ئورۇن، تۆر. ئۆينىڭ تۆرى:
مەگەركى مەسجىد ئىكەندۇركى، بولدى بۇتخانە،
يۈزۈڭكى، ئىككى قاشىڭدىن تۆرىدەدۇر مېھراب.
نەۋايى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۆر، ئۆينىڭ تۆرى.
(لەۋلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ). تۆرگە كەچ _ تۆرگە ئۆت.
3 - 168
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۆر، ئالدى، دەسلەپكى؛ شەرەپ ئورنى، ھۈرمەت جايى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەگاھقا نىسبەتەن يۇقىرىدىكى جاي، ھۆرمەتلىك ئورۇن.
ئۇنى مۇدىر بىلەن بوغالتىر ئادەتتىن تاشقىرى تەكەللۇپ بىلەن تۆرگە چىقىرىشتى.
كىرىش ئېغىزىغا نىسبەتەن ئەڭ ئىچىدىكى جاي.
ئۇلارنىڭ غارنىڭ تۆرىگە ھەقىقىي يەتكەن - يەتمىگەنلىكى ۋە غارنىڭ ئىچىدىن نېمىلەرنى ئەكەتكەنلىكى كىشىلەرگە ئېنىق ئەمەس.
كۆچمە. چوڭقۇر قاتلام.
تەلىيىم باركى، تۇغۇلدۇم شۇ شەھەرنىڭ قوينىدا، تۈن ۋە كۈن كۆڭلۈم تۆرىدە بەر قارادۇر كاشىغەر.