Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆپە كۆز
بىئولوگىيە
颅顶眼
lúdǐngyǎn
<باش چوققىسىدىكى كۆز> ياكى <پارېتال كۆز> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا بولىدىغان كۆرۈش سەزگۈ ئاپپاراتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۈزۈلۈش. بېشىنىڭ چوققىسىغا (تۆپىگە) جايلاشقان. ئارىلىق مېڭىنىڭ بىر قىسمىنىڭ سىرتقا ئۈسۈپ چىقىشى ھەمدە تۆپە سۆڭەكتىن تېرە ئاستىغىچە تېشىپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن. پۈۋەكسىمان، پۈۋەكنىڭ سىرتقى يېنى كۆز گۆھىرىگە ئايلانغان. سۈزۈك، ئىچكى دىۋارىدا پىگمېنت قەۋىتى ۋە تور پەردە قەۋىتى بولىدۇ. يورۇقلۇقنى سېزەلەيدۇ ھەم ئۇنىڭ سىجىللىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇ، رۇدېمېنتلاشقان يورۇقلۇق سەزگۈچى ئاپپاراتتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. قەدىمكى بەزى بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار ۋە يەر باغىرلىغۇچىلار مۇشۇ خىل تۈزۈلۈشكە ئىگە. ھازىرقى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن گاتتېرىيە (شىنا چىشلىق كەسلەنچۈك) قاتارلىقلاردىمۇ يەنىلا مۇشۇ خىل تۈزۈلۈش ساقلانغان.