Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆپە بۆلىكى
پسىخولوگىيە
顶叶
dǐng yè
چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مەركىزىي ئېرىتچىسىنىڭ ئارقا تەرەپ قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى يان تەرەپتە گەجگە بۆلىكىدىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان ئېنىق چېگرىسى يوق. ئۇ ئىچكى يان تەرەپتە تۆپە گەجگە يېرىقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (ئايرىلىدۇ). مەركىزى ئېرىقچىنىڭ ئارقا تەرەپتىكى مەركىزىي ئارقا پۈرمە گەۋدىنىڭ سەزگۈ رايونى، ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئۈچى ئېغىز بىلەن تىلنىڭ سەزگۈ رايونى، ئۇنىڭ يېنىدا تەم سەرگۈ رايونى بار. مەركىزىي ئارقا پۇرمە ئارقا تەرەپنىڭ ئۈستۈنكى تۆپە بۆلەك گەۋدە بىرلەشمە رايونى، شۇنىڭدەك كونۇسسىمان تەنچىنىڭ تاشقى يول سىستېمىسىنىڭ پوستلاقتىن چىقىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تۆۋەنكى تۆپە بۆلەك بۇلۇڭ پۇرمە بىلەن گىرۋەك ئۈستى پۇرمىدىن تەشكىل تاپقان. ئاساسىي يېرىم شارىنىڭ مۇشۇ رايونى سەزگۈ ئىنفورماتسىيىلىرىنى (ئۇچۇرلىرىنى) پۈتۈنلەش، مۇرەككەپ خاتىرىلەرنى ساقلاش، ھەرىكەت، تەپەككۇر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي قابىلىيەت فۇنكىسىيىلىرىگە ئىگە.