Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۆمۈر توسۇق دەۋرى
دۇنيا تارىخى
铁圈时期
tiě quān shí qī
مۇتەئەسسىپلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان ئاۋسترىيە تائاففې ئىچكى كابىنېتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1879 - 1893) نى كۆرسىتىدۇ. تائاففې ئىچكى كابىنېتى تۆمۈر توسۇق (يەنى فېئوداللىق دىنىي ھاكىمىيەت ئىتتىپاقى) نىڭ قوللىشىغا تايانغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ <تۆمۈر توسۇق ھۆكۈمىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈندىن كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتقان سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنى يېڭىش غەيرىي نېمىس مۇتەئەسسىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تائاففې ھۆكۈمىتى ئەركىن بۇرژئازىيىنى بېسىش ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى مىللىي رايونلاردىكى مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنى ئۆزىگە تارتقان؛ كىشىنى قايمۇقتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن دېموكراتىك ھەرىكەتكە قارشى تۇرغان ھەمدە ئىجتىمائىي قانۇن چىقىرىشتەك ئازغىنە يول قويۇش ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىي بىلەن بولغان زىددىيەت پەسەيتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغان.