Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېننىس مەيدانىدىكى قەسەم
دۇنيا تارىخى
网球场宣誓
wǎng qiú chǎng xuān shì
1789-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا، ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچ تەبىقە يىغىنى مەيدانى (ۋېرسال) يېنىدىكى تېننىس مەيدانىدا بەرگەن قەسىمى. ئۈچ تەبىقە يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅥ ئۈچ تەبىقىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئايرىم - ئايرىم يىغىن ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇپ، ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆز ئالدىغا مىللىي پارلامېنت تەشكىللەپ، كورۇل باشچىلىقىدىكى ئىمتىيازلىق تەبىقىگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅥ يىغىن مەيدانىنى رەتلەيمىز دېگەن باھانە بىلەن ئۈ تەبىقە يىغىنى مەيدانىنى پېچەتلەپ تاشلاپ، مىللىي پارلامېنتنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈشىنى توسقان. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرى مونىئېر (1758 - 1806) نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، مىللىي پارالامېنتنىڭ باشلىقى بائىلنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن سەپكە تىزىلىپ، يېقىن جايدىكى تېننىس مەيدانىغا كېلىپ داۋاملىق يىغىن ئاچقان ھەمدە فرنسىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقمىغۇچە تارقىلىپ كەتتمەسلىككە قەسەم قىلغان. تارىختا بۇ <تېننىس مەيدانىدىكى قەسەم> دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۈچ تەبىقە ئەمەلىيەتتە بىر يەردە كېڭەش قىلغان، بۇ ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىللىرىنىڭ كورۇلغا قارشى كۈرىشىنىڭ بىر چوڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.