Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىنچىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
داۋاملىشىشتىن توختىماي، بېسىلماق.
دۈشمەننىڭ پىلىموتلىرى ئاستا - ئاستا تىنچىدى.
ئىش - ھەرىكەت، چۇقان - سۈرەن، ۋاراڭ - چۇرۇڭ توختاپ جىم بولماق.
- ھەممىنى ئۆز قولۇم بىلەن بىرمۇ بىر ئېنىقلاپ، تۇتۇپ كۆرمىسەم تىنچىمايمەن، - دېدى ساتىراش.
تىنچلانماق، خاتىرجەم بولماق.
ئانامنىڭ مانا شادلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپلا كۆڭلۈم تىنچىدى.
ئۇرۇش - جېدەلدىن، غەلۋىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچ ئۆتمەك.
كېيىنچە يۇرت تىنچىپ قېلىۋىدى، ئاندىن قۇمۇلدىن بالا - چاقىلىرىمنى تۇرپانغا ئالدۇرۇپ كېلىۋالدىم.