—مەنبە
تۆۋەن دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەدرىسە
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
- يىلى 1 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان <تۆۋەن دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەدرىسە نىزامنامىسى> دا <يەتتە ياشلىق بالىلار مەكتەپكە كىرىش، كىشىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەدەپ
- ئەخلاقنىڭ ئاساسى قىلىش، بالىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ساغلام تەربىيلەش> نى باش نىزام قىلىپ، ساۋاتلىقلارنىڭ سانى كۆپەيسە شۇمۇ غەلىبە دەپ بەلگىلەنگەن . ئوقۇش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، كېيىن تۆت يىلغان ئۆزگەرتىلگەن، دەرسلىكلەردىن ماتېماتىكا، ئوقۇش ۋە سۆزلەش، جۇڭگو يېزىقى، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە، گىمناستىكا قاتارلىقلار ئۆگىتىلگەن. رەسىم سىزىش بىلەن قول - ھۈنەرۋەنچىلىك دەرسى تاللاپ ئۆتىدىغان دەرسلەر بولغان. نامرات يېزىلاردا، ئوقۇتقۇچى كەمچىل رايونلاردا، مۇشۇ ئىككى خىل دەرسنى قسىقارتىۋېتىشكە يول قويغان. 1910 - يىلى شىنجاڭدا جەمئىي 104 تۆۋەن دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەدرىسە قۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.