Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېمپېراتۇرادەۋرىيلىكى ھادىسىسى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ئورۇن شارائىتىنىڭ بىر يىل ۋە بىر كۈن ئىچىدىكى دەۋرىلىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە پەسىل ئۆزگىرىشى بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە پەسىل ئۆزگىرىشى بولىدۇ، بىر كۈن ئىچىدە كېچە - كۈندۈز ئۆزگىرىشى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ دەۋرىلىك ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ماسلىشىشى تېمپېراتۇرا دەۋرىلىك ھادىسە ياكى تېمپېراتۇرا دەۋرىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. يەر شارى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر كۈن ئىچىدەكۈندۈزى يۇقىرى، كېچىسى تۆۋەن بولۇپ ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تېمپېراتۇرىدا كۈندۈزى يۇقىرى، كېچىسى تۆۋەن بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا دەۋرلىكىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، پەمىدۇر كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرىسى 5.26 سېلتسىيە گرادۇس بولغان تۇراقلىق تېمپېراتۇرىدا ئۆسكەندە گۈلى كىچىك، تۆكۈلىدىغان گۈلى كۆپ، مېۋە سانى ئاز ۋە ھەجىمى كىچىك بولۇپ قالىدۇ. بىراق كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرىسى 5.26 سېلتسىيە گرادۇس، كېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 سېلتسىيە گرادۇس بولغان شارئىتتا ئۆسۈملۈك تۈپى ياخشى ئۆسىدۇ، مېۋە بېرىش مىقدارىمۇ ئادەتتىكىدىن ئون ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كۈنلۈك تېمپېراتۇرا دەۋرىلىكى بولۇپلا قالماي، يەنە يىللىق تېمپېراتۇرا دەۋرىلىكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، كۈزگى بۇغداي بىخلىنىپ مايسا مەزگىلىگىچە بولغان مەزگىلدە چوقۇم 0 سېلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن يۇمران باشاق دىففېرېنسىيىلىنىدۇ؛ بەزى ئىككى يىللىق ئۆسۈملۈكلەر (تۇرۇپ ۋە كاللەكبەسەي) بىرىنچى ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈش ۋاقتىدا چوقۇم قىشلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن ئۆتۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئىككىنچى يىلى كۈز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، مانا بۇ ئۆسۈملۈك تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق دەۋرىلىكىگە بولغان ئىنكاسىدۇر.