Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېمپېرامېنت (مىجەز)
پسىخولوگىيە
气质
qì zhì
بۇ كىشىنىڭ پسىخىك پائالىيەتلىرى بىلەن تاشقى ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىدىغان جانلىقلىق، مۇقىملىق ۋە چاققانلىق قاتارلىقلارغا ئالاقىدار پسىخىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مەجمۇئىسى. تېمپېرامېنت كەيپىيات بىلەن ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇشى، تاشقى ئىپادىسىنىڭ كۈچى ۋە ھەرىكەتنىڭ تېزلىكى بىلەن مۇقىملىقى جەھەتلەردە ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. تېمپېرامېنت شەخسنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، بالىلارنىڭ ئويۇن ۋە پائالىيەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان باشقا پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۇلارنىڭ تولىمۇ تەبىئىيلىك بىلەن تۇرقلىقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى خېلى بالدۇر مەلۇم بولغان ئىدى. گەرچە ئۇ مۇھىت ۋە تەلىم - تەربىيە تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ ئاستا ئۆزگىرىدۇ، تېمپېرامېنت بىر قەدىمكى ئۇقۇم. قەدىمكى دوختۇر ھىببوكرات تېمپېرمېنت تەلىماتىنىڭ ئىجاتچىسى. مىلادىدىن بەش ئەسىر ئىلگىرى ھىببوكرات بۇ تىپىك پسىخىك ئالاھىدىلىكنى كۈزەتكەن ھەمدە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسلىنىپ تېمپېرامېنتنى تىپلارغا ئاجراتقان. ئىككىنچى ئەسىردە رىملىق دوختۇر گالىن لاتىنچە تېمپېرامېنت (temperament) سۆزىنى قوللانغان. بۇ ئاتالغۇ تاكى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. ھىببوكراتنىڭ قارىشىچە، كىشى بەدىنىدە قان، بەلغەم، سېرىق ئۆت ۋە قارا ئۆتتىن ئىبارەت تۆت خىل بەدەن سۇيۇقلۇقى بولىدۇ. كىشىلەر تېنىدىكى بۇ تۆت خىل سۇيۇقلۇقنىڭ نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېمپېرامېنتنىڭ تۆت خىل تىپى شەكىللىنىدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقىدا قان (لاتىنچە Sangnis) نىسبىتى ئۈستۈن بولسا، سانگۋىنىك تېمپېرامېنتلىق، ئۆت ياكى سەپرا (گرېكچەCholi) نىسبىتى ئۈستۈن بولسا، خالېرىك تېمپېرامېنتلىق، بەلغەم (گرېكچەphlegma) نىسبىتى ئۈستۈن بولسا، فلېگماتىك تېمپېرامېنتلىق، قارا ئۆت ياكى سەۋدا (گرېكچەmelanchole) نىسبىتى ئۈستۈن بولسا، مېلانخولىك تېمپېرامېنتلىق بولىدۇ. ھىببوكرات ئاجراتقان بۇ تۆت خىل تېمپېرامېنت ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. لېكىن بەدەن سۇيۇقلۇقى بويىچە تېمپېرامېنتنى ئايرىش نەزەرىيىسى ئىلمى ئەمەس. كېيىن فىزىئولوگلار بىلەن پسىخولوگلار نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇلاردىن پاۋلوۋ ئالىي نېرۋا پائالىيەتلىرى تىپى تەلىماتىدىكى تېمپېرامېنتنىڭ تەبىئىي ئاساسىنى ئەڭ توغرا ۋە مۇكەممەل ئىزاھلىدى