Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىموزىن
بىئولوگىيە
<تۆش بېزى گورمونى> ياكى <تىمىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تۆش بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا پولى پېپتىد گورمونلارنىڭ ئومۇمى نامى. T لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە دىففېرېنسىيىلىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئويناپ ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتىنى ۋاسىتىلىك ئىندۇكسىيىلەيدۇ. ھايۋان ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەش، زەئىپلىشىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ھازىر كلىنىكىدا ئىممۇنىتېت كەمچىللىك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش، زەئىپلىشىپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلاردا دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لاتىنچە
تېبابەت
تۆش بېزى تەرىپىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ۋە غول ھۈجەيرىلەرنىڭ يېتىلىشىنى T لىمپا ھۈجەيرىلىرىگە قەدەر يېتەكلەيدىغان پولىپېپسىدلىق بىر خىل گورمون. ئۇ لىمپا سىستېمىسى، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممونىتېتلىق ئىنكاسى ۋە تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئانتىتېلالىق ئىنكاسى قاتارلىقلارغا قارىتا قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ.