Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىل مەنىسىنى تولۇقلاش شارائىتى
پسىخولوگىيە
بۇ تىل مەنىسىنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدىغان كونكرېت شارائىتتىن ئىبارەت. مەسىلەن: كىشلەر ماشىنا ساقلاۋاتقاندا «كەلدى» دېگەن سۆز ئاڭلانسا، ئورتاق ھالدا ماشىنا كەلگەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. «كەلدى» سۆزى مۇكەممەل جۈملە بولمىسىمۇ، كونكرېت شارائىت جۈملىنىڭ قالغان قىسمىنى تولۇقلاپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق مەنە تولۇقلايدىغان شارائىت تىل مەنىسىنى تولۇقلاش شارائىتى ھېسابلىنىدۇ. بىرەر جۈملە ياكى بىرەر سۆز - ئىبارىلەر چۈشىنىكسىز بولسا، ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدىكى سۆزلەر ئارقىلىق چۈشىنىپ ئالغىلى بولىدۇ. بۇمۇ تىل مەنسىنى تولۇقلاش شارائىتىغا كىرىدۇ.