Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېلمان
دۇنيا تارىخى
(1886 - 1944) گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەربابى، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى. ھامبۇرگدا تۇغۇلغان. 1902-يىلى سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوڭچى شوۋىنستلارغا قارشى تۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئىنقىلابىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1917-يىلى سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىىسىدىن چىقىپ، مۇستەقىل سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1923-يىلى ھامبۇرگ ئىشچىلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1924-يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ۋە ئەزاسى بولغان. گىتلېر تەختكە چىقىش ھارپىسىدا، كەڭ كۆلەملىك فاشىستلارغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ناتسىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، 1933-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېرلىندا قولغا ئېلىنغان. 1944-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋېيماردىكى بۇھېنۋالد جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەن.