Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېكىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
گىچە، قەدەر:
مېنىڭ بۇ خەستە جانىمغە سېنىڭ دەردىڭ ئېرۇر مەرھەم،
قىيامەتكە تېكىن ھەرگىز بۇ دەردىمغە داۋا قىلماق.
سەككاكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەق تۆلەنمەيدىغان نەرسە. كۆپىنچە ئېغىز تىلىدا قوللىنىلىدۇ. تېكىن بولسا، تىكەن بولسىمۇ ئال. مۇت _ زەھەر بولسىمۇ يۇت. ھەقسىزنىڭ ھەققى يامان. پۇلسىز ئىش پۇلغا زامىن. بىكارغا پۇل تاپساڭ، سانىۋال.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەققى، سىمكىرى، مانجىسى، بەدىلى، تۆلىمى يوق، پۇلسىز، بىكارغا.
ھەقلىق
ھەققى، سىمكىرى، مانجىسى، بەدىلى، تۆلىمى.
ھەقلىق ئىشنى ھەققىغە يەتكۈز. ھەقسىز ئاش قورساق ئاغرىتىدۇ. ھەقسىز ئىشنىڭ ھەققى ساڭا نېسى. مۇت، زەھەر بولسىمۇ يۇت. ھەقسىز ئىشنىڭ ھەققى جىق. تېكىن بولسا، تىكەن بولسىمۇ ئال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېزت. شاھزادە، شاھ ئوغلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مېھنەت قىلمايدىغان، ئەجىر سىڭدۈرمەيدىغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
شاھزادە، تەخت ۋارىسى؛ جىمجىت، راھەت، كۆڭلىدە يامانلىقى بولمىغان، يالغۇز، جورىسىز كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
شاھزادە، تەخت ۋارىسى.