Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
体液调节
بىئولوگىيە
تەن سۇيۇقلۇقى تەڭشىلىش
<گۇمورال رېگۇلاتسىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى مەلۇم توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ياكى بەزىلىرى ھاسىل قىلغان ئالاھىدە خىمىيىلىك ماددىلار قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇپ بېرىلىپ ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ياكى كۆپىيىشى قاتارلىق مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە خىمىيىۋى ماددىلار نىشان ئورگانغا قان سويۇقلۇقى ئارقىلىق توشۇپ بېرىلىپ رول ئوينىغاچقا تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭشىلىشى دەپ ئاتالغان. بەدەندىكى ھەرخىل ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان گورمونلار قان ئايلىنىشنىڭ ياردىمى بىلەن توشۇلۇپ بەدەندىكى مەلۇم پائالىيەتلەرنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، لانگېرگانس ئارالچىلىرى (ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى) ئاجرىتىپ چىقارغان ئىنسۇلىن قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق نىشان ھۈجەيرە ياكى توقۇلمىغا توشۇپ بېرىلىپ نىشان ھۈجەيرىنىڭ قەنت ۋە ماي مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان قەنتىنىڭ كونسېنتراتسىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭ رولى نەچچە سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن تەڭشىگۈچى ماددىلارنىڭ توشۇلۇش سۈرئىتى ئاستا، تەسىر قىلىش دائىرىسى كەڭرەك، تەسىر كۆرسىتىش مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش قاتارلىق ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ئاستا فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنى تەڭشەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
تېببىي
tǐ yè tiáo jié
بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭشىلىشى، بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تەڭشەش