Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
梯也里
دۇنيا تارىخى
تىيېرري
(1795 - 1856) فرانسىيىلىك تارىخشۇانس. 1813-يىلى پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئىككىنچى يىلى سېن - سىموننىڭ كاتىپى بولغان، كېيىن سېن - سىمون بىلەن پىكىردە كېلىشەلمەي، 1817-يىلى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەن، لېكىن ئۇنىڭ تارىخ قارىشى سېن - سىموننىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە تارىخىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، سىنپىي كۈرەش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچىنچى تەبىقە (دېھقانلار ۋە بۇرژۇئازىيە) نىڭ ئىمتىيازلىق تەبىقە (ئاقسۆڭەكلەر ۋە راھىبلار) غا قارشى تۇرۇشىدىن ئىبارەت سىنىپىي كۈرەشنى كۆرسەتكەن؛ تارىختا بويسۇندۇرغۇچىلار ئىمتىيازلىق تەبىقە، بويسۇنغۇچىلارئېىزلگۈچى تەبىقە بولغان، دەپ قارىغان. ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان، ئورلېئان سۇلالىسىنى قوللىغان. 1848-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي كۈرەشنى ئىنكار قىلغان ھەمدە تارىخ تەتقىقاتىدا دېھقانلار بىەن پمېشچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قارىمۇ قارشىلىقتىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ فرانسىيىدىكى زىددىيەت قارىمۇ قارشىلىقىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ فرانسىيىدىكى روماتىزملىق تارىخ ئىلمىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى رومانتىزملىق پۇراق بىلەن تولغان، تارىخىي ۋەقلەرەنى بەدىئىي يوسۇندا بايان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <نورماندىلارنىڭ ئەنگلىيىنى بويسۇندۇرۇشتارىخى>، <ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تارىخى توغرىسىدا>، <تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئون يىل>، <ئۈچىنچى تەبىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسى توغرىسىدا>.