Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تيېر
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
梯也尔〈波利〉
tī yě ěr 〈bō lì 〉
دۇنيا تارىخى
梯也尔
tī yě ěr
(1797 - 1977) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1871 - 1873). تارىخشۇناس. قانۇننى ئۆگەنگەن، كېيىن ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1821-يىلىدىن باشلاپ تارىخ يېزىشقا كىرىشكەن. 1830-يىلى 1-ائيدا، لاففىتتېنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆكتىچىلەر گېزىتى بولغان <خەلق گېزىتى> نى تەسىس قىلىشقا قاتنىشىپ، ئورلېئان جەمەتى بوربون جەمەتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى تەرغىپ قىلغان. ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، مالىيە مۇئاۋىن ۋەزىرى (1830)، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1832، 1834 - 1836)، سودا ۋە جامائەت ئىشلىرى ۋەزىرى (1833 - 1834)، باش ۋەزىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1836 - 1840) بولغان. ئەنئەنىچىلەرق وزغىلىڭى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. گىزون بىلەن قاتتىق قارشىلاشقان. 1848-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدا ئورلېئان خان جەمەتىگە ساداقەتلىك قىلغان. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە جۇمھۇرىەتچىلىكنى ماختىغان. كاۋىنىياكنىڭ ئىيۇن قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشىنى قوللىغان. 1851-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە قولغا ئېلىنغان، بىر مەھەل ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىۋۋالغان. 1852-يىلدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، تارىخ يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان. 1863-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ناپولېئون Ⅲ نىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن ئىنقىلابتىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1871-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى مىلىي پارلامېنت تەرىپىدىن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مەمۇرىي باشلىقى قىلىپ سايلانغان. گېرمانىيە بىلەن <ۋېرسال دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ، پارىژ كوممۇنىسىنى باستۇرغان. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، مۇتەئەسسىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن مونارخىستلاrنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ <فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى>، <ھۆكۈمەت ۋە ئىمپېرىيە تارىخى>، <ئەسلىمە> دېگەن ئەسەرلىرى بار.