Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
提拉克
دۇنيا تارىخى
تىلاك
(1856-1920)ھىندىستان بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىك ھەركىتىنىڭ رەھبىرى.خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە رادىكاللىرىنىڭ داھىيىسى، تارىخشۇناس. ماراتا مىللىتىدىن بولغان براخمان ئۇششاق پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن ئۆگەنگەن. 1880-يىلى پوئونا شەھىرىدە يېڭى ئىنگىلىز تىلى مەكتىپى ئاچقان. 1881-يىلى <ئاي نۇرى گېزىتى> ۋە <شىر گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان ھەمدە مستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى پاش قىلغان. 1884-يىلى <دېككان مائارىپ جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1893- ۋە 1895-يىللىرى ھىندىلارنىڭ گانېش ئىلاھ بايرىمىنى خاتىرىلەش يىغىنى ۋە ماراتا مىللىتىنىڭ قەھرىمانى شىۋاجىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھىندىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئويغاتقان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ئىچىد رادىكال گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، 1905 - 1908 - يىللاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، تولۇق مۇستەقىللىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە كونسېرۋاتىپ كۆز قاراشتا بولۇپ، ھىندى دىنىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى تەكىتلەپ، تائىپە تۈزۈمى ۋە قالاق ئۆرپ - ئادەتلەرنى قوغدىغان. كەڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاقلاشمىغان، دېھقانلارنىڭ يەر مەىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. 1908-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئاخىرقى ئۆمرىدە <مۆتىدىل گۇرۇھ> قا مايىل بولۇپ، ھىندىستان ئاپتونومىيىسى تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغان. 1916-يىلى ھىندىستان ئاتونومىيە ئىتتىپاقىنى قۇرغان. شۇ يىلى جىنناھ بىلەن <لاككنوۋ ئەھدىنامىسى> نى تۈزگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى <ئىلاھ ئورىئان>، <بۇددا ناخشىسىدىكى سىر> قاتارلىقلاrدىن ئىبارەت.
دىن
tí lā kè
印
ھىندى دىنى
تىلاك، لوكمانيا تىلاك