Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
提格拉.帕拉萨一世
دۇنيا تارىخى
تىگلات - پىلېسېر Ⅰ
ئاسسۇرىيە پادىشاھلىقىنىڭ شاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1115 - 1077). مەمۇرىي تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ھارۋىسى ئەترىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي كېڭەيمىچىلىكنى يولغا قويۇپ، ئاسۇرىيىنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن. ئويما يېزىقلاردائ ۇنىڭ شىمالدا نائىرىنى بويسۇندۇرۇپ، جەنۇبتا بابىلوننى ئىشغال قىلغانلىقى، غەربتە سۈرىيە ۋە فىنىكىيىگە بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئېيتىلىشىچە، مىسىر فىرئەۋىنى ئۇنىڭغا تىمساھ بىلەن بېگموتنى تارتۇق قىلىپ، ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلاھ ئىبادەتىانىلىرىنى ياساتقان، سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبتىكى ئارامېلار يەنە باستۇرۇپ كىرىپ، زېمىنى پارچىلىنىپ كەتكەن.