Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىيدىڭ مكدوففيې
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننىڭ <ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇستەقىل بولۇشى> غا رۇخسەت قىلىش قانۇنى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تىيدىڭ بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مكدوففيې ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1933-يىلى 10 - ئايدا، فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان <فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇنى> (يەنى <خارى - خاۋېس - كوتتىڭ قانۇنى>) نى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ باشقىدىن مۇستەقىللىك قانۇنى تۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. 1934-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا <فىلىپپىن مۇستەقىللىك قانۇنى> غا بىر ئاز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇشۇ قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنى روزۋېلت زۇڭتۇڭ ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان، 5-ئاينىڭ 1-كۈنى فىلىپپىن قانۇن چىقىرىش يىغىنى ماقۇللىغان، ئۇنىڭدا فىلىپپىندا <ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش> يولغا قويۇلىدىغانلىقى، ئون يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مەزگىلىدە پۈتۈن ھاكىمىيەت يەنىلا ئامېرىكىنىڭ قولىدا بولغان. ياندۇرقى يىلى 11-ئايدا فىلىپپىن ئاپتونوم ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.