Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
天主教会大分裂
دىن
tiān zhǔ jiào huì dà fēn liè
基
خىرىستيان دىنى
كاتولىك دىنى جەمئىيىتىدىكى چوڭ پارچىلىنىش
دۇنيا تارىخى
كاتولىك چېركاۋىنىڭ زور بۆلۈنۈشى
كاتولىك چېركاۋىنىڭ 1378 - 1417 - يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق بۆلۈنۈشى. 1377 - يىلى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى پاپا گرىگورى Ⅸ تۇراق جايىنى ئاۋىگنوندىن رىمغا يۆتكەپ كەلگەن (<ئاۋىنگون پاپاسى>غا قاراڭ). كېيىنكى يىلى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىتالىيە كاردىناللار ئىتتىپاقى رىمدا ئۇربانۇس Ⅵ (1378 - 1389 - يىللىرى پاپا بولغان)نى پاپا قىلىپ سايلىغان. فرانسىيە كاردىناللار ئىتتىپاقى ئاۋىگنوندا كلېمېنت Ⅶ (1378 - 1394 - يىللىرى پاپا بولغان)نى پاپا قىلىپ سايلىغان نەتىجىدە ئىككى پاپا مەيدانغا كەلگەن. ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ھەرقايسى كىچىك دۆلەتلەر، ئەنگلىيە، گېرمانىيەدىكى كۆپ قىسىم كىنەزلىكلەر، ۋېنگرىيە ۋە سكاندىناىنوۋىيىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالدىنقىسىنى، فرانسىيە، ناپولى، سىتسىلىيە، ئىسپانىيە، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىنەزلىكلەر كېيىنكىسىنى ھىمايە قىلغان. چېركاۋنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئوڭشاش ئۈچۈن، 1409 - يىلى 3 - ئايدا ئىتالىيىدىكى پىسادا دىنىي يىغىن ئېچىلىپ، ئالېكساندر Ⅴ (1409 - 1410 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) يېڭى پاپا قىلىپ سايلانغان بولسىمۇ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى پاپا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئۈچ پاپا تەڭ تىركىشىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. كونستانىز يىغىنى مەزگىلىگە (1414 - 1418) كەلگەندىلا، ئاندىن 1417 - يىلى تەختتىكى ئۈچ پاپا قالدۇرۇلۇپ، باشقىدىن يېڭى پاپا مارتىنوس Ⅴ (1417 - 1431 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) سايلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت رىمدا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن قىرىق يىلغا يېقىن داۋاملاشقان كاتولىك چېركاۋىدىكى زور بۆلۈنۈش ئاخىرلاشقان.