Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
田制改革派
دۇنيا تارىخى
يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار
چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدار - ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىكى بىر سىياسىي گۇرۇھ. كورىيە دۆلىتى يۈەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، زالىم ۋەزىر جەمەتلىرىنڭ تېرىلغۇ يەر - ئورمانلارنى ئۆزلىرى خالىغانچە قوشۇۋېلىپ، قورۇقلىرىنى كېڭەيتىشى، تېرىلغۇ يەر - ئورمان - مەرتىۋە تۈزۈمىنىڭ بەربات بولۇشى، دېھقانلارنىڭ يەر - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان - سەرگەردان بولۇشى نەتىجىسىدە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلىشىپ، فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىق تەۋرىنىپ قالغان. مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك پومېشچىكلاردىن كېلىپ چىققان يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن تۆرىلەر، زالىم ۋەزىر جەمەتلىرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىك سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، يەر تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مالىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. تارىختا ئۇلار <يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار> دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇھنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى جاۋجۈن، لى شىڭ، خۇاڭ شۇنچاڭ، چاۋ رېنۋو، شۈيىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى لى سوڭگېنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1388 - يىلى يەر تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتچىلىرى لىن جيەنۋېي، ليەن شىڭباڭ قاتارلىق زالىم ۋەزىر جەمەتلىرىنى تازىلاپ، ئوردىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، شۇ يىلى لى سۇڭگې سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، شىن ۋونى يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شىن چاڭنى تىكلەش بىلەن سۇلالىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1389 - يىلى يەنە شىن چاڭنى يىقىتىپ گۇڭ راڭ خاننى تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ، يەر تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. ئىككىنچى يىلى بۇرۇنقى ئاۋام ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ يەر خەتلىرى دەپتىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە پەرمان چۈشۈرگەن. 1391 - يىلى يەر قانۇنى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن لى سۇلالىسىگە ئاساس سېلىنغان.