Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېھران يىغىنى
دۇنيا تارىخى
德黑兰会议
dé hēi lán huì yì
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقىلرىدىن ستالىن، روزۋېلت، چېرچىلل 1943-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 21-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزگەن يىغىن. يىغىندا ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ گېرمانىيە قوراللىق كۈچلىرىنى يوقىتىش پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىچنلىق ۋە ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۈچ تەرەپ ياۋروپا مەسلىھەت كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، ياۋروپا مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە مۇنۇلارغا بىردەك قوشۇلغان: (1)يېڭىلگەن گېرمانىيەنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن رايونلار بويىچە ئىشغال قىلىش؛ (2)گېرمانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بەزى جايلارنى پولشاغا قوشۇۋېتىش؛ (3)سوۋېت ئىتتىپاقى مۇۋاپىق پەيتتە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش. يىغىننىڭ ئەڭ زور نەتىجىسى شۇكى، 1944 - يىلى 5 - ئايدا فرانسىيىدە ئىككىنچى فرونتىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قوبۇل قىلىنغان. بۇ قېتىمقى يىغىن فاشىستلارغا قارشى ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە زور رول ئوينىغان. يىغىندىن كېيىن <تېھران خىتابنامىسى> ۋە <ئىران توغرىسىدىكى خىتابنامە> ئېلان قىلىنغان.