Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېگى تەكتى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەسلىي زاتى.
لۇتپۇللا ھېلىقى كەلگەن يىگىت بىلەن ئايالنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، كوچىلاپ سورىدى.
بىرەر ئىش، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ماھىيەت.
ئايۇپ ئاكا كۆپ ئويلىغاندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى ئەمدىلا چۈشەندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەخسنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشى ياكى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بەلگىلەيدىغان سالاھىيىتى.
« كېلىپ چىقىش » تېزىق تىلىدا، قالغانلىرى ئېغىز تىلىدا كېلىدۇ.
تېگىم دېھقان، كېيىن ئىشچى بولدۇم. تېگى _ تەكتىدىن پەخىرلىنىش ساراڭنىڭ ئىشى. زاتى پەسنىڭ ئۆزى پەس. كېلىپ چىقىش ئادەم ئۈچۈن زۆرۈر، لېكىن ھازىرقى ئىپادىسى مۇھىم.