Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەئەللۇق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالاقە، باغلىنىش، مۇناسىۋەت؛ تەۋە، ئىگىلىك، تېگىشلىك:
مال - دۇنيا، بايلىق:
فەرەڭگە تەئەللۇق، ھەۋاسى بەلەند، 1.
بار ئېردىكى شاھى بەسى ئەرجۇمەند.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. قىلىپ يولدا ئانچە تەمەللۇقلارىن،
ئالىپ كەلدى بارچە تەئەللۇقلارىن.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باغلىق، قاراشلىق، تەۋە؛ تېگىشلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارايدىغان، قارىمىغىدا بولغان.
شان - شەرەپ خەلققە مەنسۇپ. غەلىبە ئىرادىلىككە تەئەللۇق. ئۈكەر يانغا ئۆتسە، يازغا تەۋە، تۇماق گەدەنگە چۈشسە تازغا تەۋە. بىزنىڭ بارلىقىمىز خەلقىمىزگە تالىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
ئەرەبچە
تىر. تەۋە، مەنسۇپ، ئىگىدارچىلىقىدا؛ قاراشلىق.
بۇ ئىشلار بىزگە تەئەللۇق ئەمەس.
ئى. بىر كىمگە مەنسۇپ، تەۋە بولغان مال - مۈلۈك، نەرسە - كېرەك.
بىز مۇنچىلىك ئىشنى ئەپلىيەلمىسەك، شۇنچە تەئەللۇقنى قانداق تاپتۇق.