Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەخت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پادىشاھنىڭ مۇراسىملاردا ئولتۇرىدىغان مەخسۇس ئورۇندۇقى، تەخت:
كى تۇججار بەچچە چىقىپ تەختكە،
سەزۋەر بولدى ئۇلۇغ بەختكە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە: خان - پادىشاھلىق بەلگىسى، خان - پادىشاھلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق ۋە كىيىدىغان قالپاق.
ئىنسان بارلىق مەخلۇقنىڭ تاجىدۇر، ئۇ شەرەپلىك، پاك ۋە گۈزەل ياشىمىقى كېرەك. خەلق قوزغالسا تەخت قۇزغىلىپتۇ. كەچتە ئاچ ئۇخلاشقا بولىدۇ مەجبۇر، ئۆز يۇرتىدا تەخىتتىن چۈشسە پادىشاھ. تاجىغىمۇ، تەختكىمۇ ھېچ بولما مۇھتاج، يەرنى تەخت بېلگىن ۋە ئاسماننى تاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پادىشاھ، خان ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان، ئالاھىدە بېزەلگەن ھەشەمەتلىك ئورۇن، ئورۇندۇق.
كۆچمە. ئەمەل، مەنسەپ، ھوقۇق.
تەختتىن چۈشمەك. تەختكە چىقماق.