Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەخەييۇر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <تاللاش ئۇسۇلى> دېگەنلىك بولىدۇ. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىكى سۈننىي مەزھىپىنىڭ فىقھە ئىسلاھاتىدا قوللانغان جانلىق - ئۆزگىرىشچان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى دەۋرگە خاس كەلمەيدىغان بەزى پرىنسىپ، قائىدىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆز مەزھىپى ئىچىدىكى ئايرىم فەقىھلەرنىڭ پىكرىنى (ئىجمائنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي) ياكى باشقا فىقھە ئېقىمىنىڭ پرىنسىپ، قائىدىلىرىنى (ئىلمىي ئېقىم چېكىنى بۇزۇۋېتىپ) تاللاپ، شەرىئەت گەۋدىسىگە تولۇقلاش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىسلام ئەنئەنىسىنىڭ ئىچىدىن شەرىئەتنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئاساسىنى تېپىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، مىسىر قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ.