Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
特瓦尔多夫斯基
دۇنيا تارىخى
تۋاردوۋىسكى
(1910 - 1971)سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى. تۆمۈرچى ئائىلىسىدىن چىققان. 1924-يىلى س ك پ (ب) گە ئەزا بولۇپ كىرگەن، <موراۋىيە دۆلىتى> (<باھار چىمەنزارى> دپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) دېگەن داستاننى يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى تەسۋىرلىگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيە گېزىتىدە ئىشلىگەن، ئىلگىرى ـ كېينن بولۇپ <ۋاسلى ژورگىن>، <يول بويىدىكى ئائىلە> دېگەن داستانلارنى يېزىپ، سوۋېت خەلقىنىڭ فاشىست تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن <يېڭى دۇنيا> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1963-يىلى يەنە <دژورگىننىڭ ئاخىرەتتىكى ساياھىتى> دېگەن داستانىنى ئېلان قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ 22-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان.