Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەۋۋاب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوبۇل قىلغۇچى، ئەپۇ قىلغۇچى.
ئاللا، تەڭرى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنى تارىخىدا كۇفەدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ، تۆۋە قىلغۇچىلارمۇ دېيىلىدۇ. كۇفەدىكى شىئە مەزھىپى 680 - يىلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ مەككىدىكى ئوغلى ھۈسەينگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى كۇفەگە كېلىپ خەلىپە ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ھۈسەيىن بىر قىسىم ئادەمنى كۇفەگە بېرىپ ئالاقىلىشىشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ئىراقتىكى ۋالىسى ئۇبەيدۇللا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، قوشۇن باشلاپ كۇفەگە بېرىپ، ھۈسەين ئەۋەتكەن قوشۇننى ۋە ھۈسەيننى قوللىغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە باستۇرىدۇ. كۇفەدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ زور كۆپ سانلىق كىشىلەر قورقۇپ كەتكەنلىكتىن، ھۈسەيىننى ھىمايە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇبەيدۇللا تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ھۈسەيننى ئۆلتۈرۈشىگە ئىسپات بېرىدۇ. ھۈسەين كەربالادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن كېيىن، كۇفەنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەر قاتتىق چۆچۈپ، ئۆزىنىڭ قارا يۈزلۈك قىلغانلىقىغا پۇشايمان يەپ، تۆۋە قىلىشقا ۋە ھۈسەيىننىڭ ئۆچىنى ئېلىشقا بەل باغلىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅶ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرى ئۇلار سۇلەيماننىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇمەۋىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىدۇ، كېيىن خەلىپە مەرۋان (683 - يىلىدىن 685 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ باستۇرۇشى بىلەن مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇلار مۇنداق شەكىلدە تۆۋە قىلىدۇ: ئاشۇرا كۈنى (1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) توپلىشىپ ھۈسەيىننىڭ شېھىت بولغانلىقىنى خاتىرىلەپ، قايغۇ ئىچىدە تەلۋىلەرچە شېئىر - قوشاق ئوقۇيدۇ. مەيدىسىگە مۇشتلاپ، يەرنى تېپىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ بېشىغا، كۆكسىگە خەنجەر ئۇرۇپ قان چىقىرىدۇ. ئۇلار مۇشۇ شەكىل بىلەن تۆۋە قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئاققان قان تامچىلىرىنىڭ ھۈسەيننىڭ قېنى سىڭگەن زېمىنغا سىڭىپ كەتسە، ھەم گۇناھقا تۆۋە قىلغان بولىدۇ، ھەم ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىدۇ.