Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەۋفىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇۋاپىقلىنىش، مۇۋاپىقلىق، ئۇيغۇنلۇق.
ياردەم، مەدەت.
2. گۇلشەنى تەۋفىقدىن ئالغان نەسىم،
كۆڭلىگە تەئسىر ئېتىپ ئەردى ئەزىم.
نەۋايى.
تۆكۈلدى گۆھەردەك كۆزىدىن ياشى،
بولۇ تەۋفىق ئاخىر ئانىڭ يولداشى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توغرىلانماق، مۇۋاپىق كەلمەك، ئۇيغۇنلۇق.
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1892) مىسىر خېتىپى (1879 - 1892). 1879 - يىلى باش ۋەزىر بولۇپ، مەسلىھەت يىغىنىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خېتىپلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ مىسىر مالىيەسىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. 1882-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋەتەن پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى ئېلىپ تاشلاپ، باش ۋەزىر بارۇدىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندا، مىسىردىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 6-ئايدا ئىسكەندرىيە پورتىغا قېچىپ بېرىپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ <ھامىيلىقىنى> قوبۇل قىلغان. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى قاھىرەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورچاق بولۇپ قالغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى « مۇۋەپپەقىيەت »، « ئوڭۇشلۇق »، « تەلەيلىك» دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن دىنىي ئىشلار ۋە ئەمەل _ ئىبادەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم مۇسۇلماننىڭ ئىمانى چىڭ بولسا « تەۋفىقلىق » ئادەم دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇنىڭ بۇنداق « مۇۋەپپەقىيەت » كە ئىگە بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى ياكى تىرىشچانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللا ئىلتىپات قىلغان « تەلەي » دىن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.