Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەۋەججۇھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈزلىنىش، يۈزىنى بۇرش، ئىخلاش؛ ھۆرمەت، ئېھتىرام:
دىققەت - ئېتىبار.
تەڭرىگە يالۋۇرۇش، ئىلتىجا قىلىش.
1. بەسىر پادىشاھى مىرزەبان پەرزەندى يوق جەھەتىدىن ئۇزلەت
ئىختىيار ئەيلەپ، جەناب ھەزرەتى ئىززەتكە تەۋەججۇھ بىرلە يۈز كەلتۈرگەنى.....
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز تۇتماق، يۆبۈلۈش، بىر ياققا قاراپ كەتمەك.