Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەتۈر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ سۆزلىنىۋاتقان تۈرىنىڭ ئەكسى تەرىپى، «تېخى، ئۇنىڭ ئۈستىگە» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
يامغۇر ياغماس دەپ ئويلىۋىدىم، ئويۇمنىڭ ئەكسچە يامغۇر قاتتىق ياغدى. ئويۇننى قويايلى، ئۇنىڭ تەتۈرىچە ئىش تۇتايلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، ئىدىيىدە قاتمال.
جاھىلغا يول تاپار دائىم ئاقىل، ئەمما ئاڭا بەرھەم بېرىدۇ جاھىل. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار. تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ. قىرسىقنىڭ كۈلكىسىمۇ قىرسىق. قىيىق قېرىسىمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ. تەتۈرگە پۈتتۈرۈپ كەل دېسەڭ، بۇزۇپ كېلىدۇ. تەتۈرنىڭ خەتەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر نەرسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە نىسبەتەن قارىمۇقارشى بولغان؛ كەينى، ئارقا.
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى، سادەتخاننىڭ يۈرەك ھەرىكىتى ئاجىز، بالا قورساقتا تەتۈر يېتىپ قالغان.
ئوڭ قىلىنىدىغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئەكسى.
تەتۈر ئايلانماق. تەتۈر تۇتماق.
كۆچمە. شەيئىلەرنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنىڭ ياكى كۆزلىگەن مەقسەتنىڭ ئەكسى.
ئىش بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ تەتۈرى بولۇپ چىقتى.
گەپ يېمەيدىغان، كاج، جاھىل.
ئۇ تۇرۇپلا: - بۇ قىز زادى ئوڭمىدۇ ياكى تەتۈر؟ - دەيتتى ئۆز - ئۆزىگە.