Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەسىر
پسىخولوگىيە
غىدىقلىغۇچ (ياكى قوزغاتقۇچى) نىڭ ئورگانىزىمدا قوزغىلىش پەيدا قىلىش رولى تەسىر دېيىلىدۇ. ئورگانىزمدىكى تۈرلۈك (ھەرخىل) رېتسېپتورلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەسىرلىرى (نۇر كۆزىگە، تاۋۇش قۇلاققا خاس تەسىر كۆرسىتىدۇ) بولىدۇ. مۇنداق خاس تەسىرلەر «ماس تەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ. بەك ئاجىز تەسىر ئورگانىزمدا رېئاكسىيە پەيدا قىلالمايدۇ. مۇنداق تەسىر ئۈنۈمسىز تەسىر دېيىلىدۇ. تەسىرنىڭ ئۈنۈملۈك، ئۈنۈمسىزلىك چېكى «تەسىر چېكى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسىرنىڭ ئورگانىزمىدا رىئاكسىيە پەيدا قىلىش - قىلالماسلىقى تەسىرنىڭ خاراكتېرى بىلەن كۈچىگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورگانىزمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگىمۇ باغلىق. تىل ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بىر خىل مۇرەككەپ تەسىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاشقى ئامىللارنىڭ كىشى ياكى نەرسە ھالىتىنى، خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش پائالىيىتى؛ تاشقى ئامىللارنىڭ ئادەم مېڭىسىدە قالدۇرغان ئىنكاسى.
قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرپان ئاستانە ۋە قارغۇجىدىكى دېھقانلار لۈكچۈن ۋاڭغا قارشى قوزغالدى.
ئابرۇي، ئىناۋەت، ئەتىۋار، نوپۇز.
نىياز داموللىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى.