Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەشىلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېشىلدى.
قاپ تەشىلدى _ قاپ (تۇلۇم) تېشىلدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قانى ئاقىپ يۇشۇلدى
قاپى قامۇغ تەشىلدى
ئۆلۈگ بىلە قوشۇلدى
تۇغمىش كۈنى ئۇش پاتار
«قېنى ئېقىپ تۆكۈلدى،
قېپى پۈتۈنلەي تېشىلدى،
ئۆلۈك بىلەن قوشۇلدى،
تۇغقان كۈنى (قۇياشى) ئەمدى پاتىدۇ.»
ئۆلتۈرگۈچى توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: گوياكى قاپ (تۇلۇم) تېشىلىپ، ئۇنىڭغا قاچىلانغان نەرسە ئېقىپ كەتكەندەك ئۇنىڭ قېنى ئاقتى؛ ئۇ ئەمدى ئۆلۈشكە يېقىنلاشتى ۋە مۇشۇ سائەتتە ئۇنىڭ قۇياشى پېتىۋاتىدۇ، يەنى دۆلىتى ۋە ھاياتى ئاياقلىشىۋاتىدۇ ( تەشىلۈر _ تەشىلمەك).
2 - 178