Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەسەۋۋۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ سۈرىتىنى خىيالىغا كەلتۈرۈش، زېھىندە گەۋدىلەندۈرۈش:
لەبلەرىڭ كەيفىيەتىن ھەردەم تەسەۋۋۇر ئەيلەسەم،
ئىچەرەم خۇنابە ھەسرەت گاھى ھەم گۇلگۇن شەراب.
ئەرشى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىر نەرسىنىڭ ياكى ھادىسىنىڭ سۈرىتىنى ئويلاپ، ئۇنى زېھنىدە گەۋدىلەندۈرۈش، خىيالىغا كەلتۈرۈش، پىكىرلەش. يازغۇچى، سەنئەتكار ئىجاد قىلىشتا باي تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىدۇ. كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئاساسەن تەسەۋۋۇر ئارقىلىق توقۇيدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ. تەسەۋۋۇرسىز ئەدەبىي ئىجادىيەت بولمايدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆڭلىدە سۈرەت ياسىماق، كۆڭلىگە كەلتۈرمەك؛ ئويلىماق، قىياس قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەت توغرىسىدا ئالدىنئالا قىلىنغان تەخمىنىي مۇلاھىزە.
مىڭ پەرەزدىن بىر پاكىت ئەلا. «قىياس» تىن بىر نەچچىسى چىقسا، شەھەرنى بوتۇلكىغا تىققىلى بولىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ بىلەم جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى يوشۇرۇشقا ھەرگىز ئۇزۇنماسلىق لازىم. ئىنتايىن يۈرەكلىك بىلەن قىياس ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق يوشۇرۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. مىڭ خىل مۆلچەر بىر پاكىتقا تەڭ كەلمەيدۇ. مولجال بەزىدە دەل چىقىدۇ. چامامدا بۇ ئىش ئەتە پۈتەر. تەخمىن تەختىنى غۇلىتىدۇ، ئۆزىگە ھېچگەپ كەلمەيدۇ. ئوناق ئوناققا كەلمىدى، ئارقىدىكى يەر قوناققا كەلمىدى.
تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر
شەيئىلەرنى بىلىش جەريانى سەزگۈ، دىققەت، ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇردىن باشقا يەنە تەسەۋۋۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەسەۋۋۇر ئەسلىدىكى ئوبرازدىن پايدىلىنىپ ئادەم مېڭىسىدە يېڭى ئوبراز شەكىللەندۈرۈش جەريانى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇزۇن سەپەر توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئوقۇسا، مېڭىسىدە قىزىل ئارمىيىنىڭ ئەينى يىللىرى قارلىق تاغلاردىن، سازلىقلاردىن ئۆتكەن، سانسىزلىغان جاپا- مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كەلگەن بىر قاتار ئوبرازلىرى مېڭىسىدە پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ تەسەۋۋۇردۇر.
تەسەۋۋۇر ئاڭسىز تەسەۋۋۇر ۋە ئاڭلىق تەسەۋۋۇر دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاڭسىز تەسەۋۋۇر ھېچقانداق مەقسەت بولمىغان، تىرىشچانلىقمۇ كەتمەيدىغان تەسەۋۋۇرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، دەرسخانىدا پەيدا بولىدىغان »خىيالى باشقا ياقلارغا كېتىش« مۇشۇ خىل ئاڭسىز تەسەۋۋۇرغا كىرىدۇ. مەقسەتلىك تەسەۋۋۇر قايتا تەسەۋۋۇر، ئىجادىي تەسەۋۋۇر ۋە خام خىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قايتا تەسەۋۋۇر مۇئەييەن يېزىق تەسۋىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەسەۋۋۇر، مەسىلەن، گەرچە سىز پىرامىدانى كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، بىراق پىرامىدا تونۇشتۇرۇلغان تەسۋىرىي ماقالىلەر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز بولىدۇ. ئىجادىي تەسەۋۋۇر بولسا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئوبرازلارنى كاللىدا پەيدا قىلىشتۇر، مەسىلەن، قەدىمكى زامان ئەپسانىلىرىدىكى ساھىبجامال بېلىقنىڭ ئوبرازى، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ھەر خىل بەدىئىي ئوبراز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىي تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسى. خام خىيال كىشىلەرنىڭ كېلەچەككە بولغان بىر خىل تەسەۋۋۇرى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىگە ئاساسەن، ئۆزى ياكى باشقا شەيئىلەرنىڭ يىراق كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇرى. بالىلار چۆچەكلىرىدىكى ئوبرازلار، ئىلمىي فانتازىيىدىكى ئوبرازلار، دىنىي ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى خام خىيالنىڭ مەھسۇلى. ئوبيېكىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەسەۋۋۇر غايە؛ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان تەسەۋۋۇر قۇرۇق خىيال بولىدۇ. غايە كىشىلەرنىڭ پائال ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىشىگە، ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئالىيجاناب غايە كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مەنىۋى كۈچ.
تەسەۋۋۇر تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش، بىلىش پائالىيىتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېقىندىن ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ھەركىم ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك كۆزىتىشى، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈشى، بەدىئىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇشى، ئەمەلىيەتكە كۆپرەك قاتنىشىشى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى تىرىشىپ كۆپەيتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.
پسىخولوگىيە
بۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خاتىرىدە ساقلانغان ئوبرازى (ياكى سۈرىتى). شۇڭا ئۇ «خاتىرە تەسەۋۋۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئىدراك ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھېسسىي ئوبراز، ئۇ خاتىرىنىڭ بىر خىل مەھسۇلى بولغانلىقتىن ئەسلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قالدۇق تەسۋىرگە ئوخشىمايدۇ. تەسەۋۋۇر ئوبيېكتىپ شەيئى ئوبرازىنىڭ يادىمىزغا كېلىشىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى پەم بىلەن ئوبرازدۇر. لېكىن ئۇ ئىدراكى ئوبرازدەك ئېنىق، مۇكەممەل ۋە تۇراقلىق ئەمەس. ئومۇمەن تەسەۋۋۇر ئىلگىرىكى بىر خىل ياكى بىر تۈردىكى شەيئىلەرنى كۆپ قېتىم ئىدراك قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ ھەمدە تىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئومۇملاشتۇرۇلغان بولىدۇ. تەسەۋۋۇردا بىر خىل شەيئىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئومۇمىي تەسۋىرى ئەكس ئېتىلىدۇ، يەنە مەلۇم شەيئىگە خاس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئايرىم تەسۋىرىمۇ ئەكس ئېتىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتىدىكى ئانالىزاتورلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا ئاساسەن، كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، تېگىش سەزگۈسى، ھەرىكەت سەزگۈسى قاتارلىق ئايرىم سەزگۈلەرنىڭ خاتىرە تەسەۋۋۇۇلىرىغا بۆلىنىدۇ، تەسەۋۋۇر خاتىرىنىڭ مۇھىم فورمىسى، خىيال ئۈچۈن شەرت ماتېرىيال، تەسەۋۋۇر بولغاندىلا، كىشلەر ئىلگىرىكى بىلىش نەتىجىلىرىنى يادىغا كەلتۈرەلەيدۇ، ئىلگىرىكى شەيئىلەر بىلەن ھازىرقىسىنى سېلىشتۇرالايدۇ، پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ. تەسەۋۋۇر كىشلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاسىتە سېزىپ ئىدراك قىلىشىدىن ئابىستراكىت تەپەككۇرغا ۋە ئىجادىي خىيالغا ئۆتۈشىدىكى شەرت، ئارىلىق ھالقا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان، شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازىنى ئويلاپ چىقىش.
تەسەۋۋۇر قىلماق.
<ئەد> سەزگۈ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى ئوبراز يارىتىشنىڭ پسىخولوگىيىلىك جەريانى.
<لوگ> ھېسسىي بىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەۋە بىلىش جەريانى. ئىدراك ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. ئىدراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بىلىش نەزەرىيىسىدە بەزىدە <ئوبراز> دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.