Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەسەررۇف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: تەسەررۇفات. ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىش، ئىگىلەش.
شېئىردا ئايرىم سۆزلەرنىڭ گرامماتىك شەكلىنى شائىر ئۆز رايىغا ئۆزگەرتىش:
يۈز تۈمەن ئەرمان زىمىنىكىم مېنىڭ كۆڭلۈم ئېرۇر،
دەرد ئاڭا ساھىب تەسەررۇف، غەم ئۇنىڭ ئورتاغىدۇر.
تەجەللى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قولغا ئالماق، ئىختىيارىغا ئالماق، ئۆزلەشتۈرمەك، تارتىپ ئالماق، ئىگەللىمەك: شېئىردا مۇنداق كەلگەن: يۈز تۈمەن ئەرمان زېمىنى كىم مېنىڭ كۆڭلۈم ئېرۇر، دەرت ئاڭا ساھىپ تەسەررۇف غەم ئۇنىڭ ئورتاغىدۇر. (تەجەللى)