Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەرسا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خرىستىئان، نەسرانىي، ئىساۋىي ئىسا دىندىكى:
كۆپ مۇسۇلماندىن قويۇپ تەرسا بولۇرنى قاۋلاساڭ،
سەن بۇ كۈندىن سۇڭرە ھېچ زۇلفۇڭنى زۇننار ئەيلەمە.
سەككاكى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خىرىستىيان، ناسارا؛ قورقۇنچاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، ئىدىيىدە قاتمال.
جاھىلغا يول تاپار دائىم ئاقىل، ئەمما ئاڭا بەرھەم بېرىدۇ جاھىل. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار. تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ. قىرسىقنىڭ كۈلكىسىمۇ قىرسىق. قىيىق قېرىسىمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ. تەتۈرگە پۈتتۈرۈپ كەل دېسەڭ، بۇزۇپ كېلىدۇ. تەتۈرنىڭ خەتەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەر.
«كاپىر» ئومۇمىي.
«تەرسا» خرىستىئان؛ «ئوتپەرەس»، «ئاتەشپەرەس»، سامانىزم دىنىدىكىلەر؛ «بۇتپەرەس» بۇددىستلار.
مەيلىدۇر ئوتپەرەس جامى قىلسا مەست،
مەن بولسام كاپىرۇرتەرسا، بۇتپەرەس؛
ھەر گورۇھ ھەققىدە ھەر خىل سۆز قىلۇر،
مەن بولاي ھەر نەرسە، مەن ئۆزۈمنىڭ، بەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
گەپ يېمەيدىغان؛ جاھىل، كاج.
تەرسا بالا. تەرسا ئادەم.