Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئە
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەسەر <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئە تەرجىمىسى ۋە شەرھى>، <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئەنىڭ ئىنچىكە ئىزاھاتى>، <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئەنىڭ قوشۇمچە يۈزەكى ئىزاھاتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى ئارىلىقىدا جاڭ جۇڭ تەرجىمە قىلغان. <ئىمان ئەقىدىلىرى> نۇسخىسىدىن كېيىن توپلام قىلىنغان. ئىستىقامەت قىلغۇچىنىڭ سەھەردە ۋە كەچتە ئوقۇشى زۆرۈر بولغان تۆت پارچە ئەسەردۇر. ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەر خەنزۇچە تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، تۆت جىلدتىن تەركىب تاپقان. 1 - جىلدتا ئىماننى بىلىش سۆزلىنىدۇ. 2 - جىلدتا ئاللانى ۋە ئىسلام دىنىنى تونۇش سۆزلىنىدۇ. 3 - جىلدتا ئىبادەت ۋە ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر سۆزلىنىدۇ. 4 - جىلدتا غۇسلى قىلىش، تەرەت ئېلىش ۋە باشقا پەرز، سۈننەتلەر سۆزلىنىدۇ. قوللىنىلغان ئۇقۇملار (مەسىلەن، <ئىمان>، <ئىماننىڭ بېشى>، <ئىماننىڭ تېنى>، <ئىماننىڭ يۈرىكى>، <ئىماننىڭ پوستى>، <ئىماننىڭ يىلتىزى>، <ئىماننىڭ مېۋىسى>، <ئىماننىڭ ئۇرۇقى>، <ئىماننىڭ شېخى> قاتارلىقلار) ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر (مەسىلەن، ئىمان يارىتىلغانمۇ قانداق دېگەندەك مەسىلىلەر) سوئال - جاۋاب تەرىقىسىدە ۋە مەدرىسە تىلىدا چۈشەندۈرۈلگەن. بۇلار مەدرىسە تالىپلىرى، بولۇپمۇ ئەرەبچە بىلمەيدىغان تالىپلارغا تەييارلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.