Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەركىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرىكتۈرۈش؛ بىرىكمە، تەركىب:
ۋۇجۇدى مەجمەئۇل - بەھرەين رەھمەتدىن تاپىپ تەركىب،
بىجىز لۇتقۇ شەفائەت ئىستەسەڭ يوق ھەرقايان ئاندا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوشماق، يىغماق، بىر يەرگە توپلىماق، بىرىكتۈرمەك؛ بىرىكتۈرمە، قۇراشتۇرۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىنىپلارنىڭ ھەربىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىسى، ئاھالە، جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى.
زىيالىيلار تەبىقىسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسىمى. رەھبەرلىك قاتلىمى پاك بولسا، ئاساسىي قاتلاممۇ پاك بولىدۇ. دېھقانلار ياللانما دېھقان، كەمبەغەل دېھقان، ئوتتۇرا دېھقان ۋە باي دېھقان دېگەن تەركىبلەرگە بۆلۈنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلىدىغان قىسملار.
ھاۋانىڭ تەركىبى. ھۆكۈمەت تەركىبى. كوماندىرلار سوستاۋى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەر، قىسىملار يىغىندىسى.
جۈملىنىڭ تەركىبى. خىمىيۋى بىرىكمىلەرنىڭ تەركىبى.
شەخسنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى.
ئائىلە تەركىبى