Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەقسىمات
دۇنيا تارىخى
ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەقسىماتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ھەمدە ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ھالقا، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە جەمئىيەتنىڭ بەلگىلىك مەزگىلدە ياراتقان مەھسۇلاتى ياكى قىممىتىنىڭ (مىللىي دارامەت) جەمئىيەتكە ياكى دۆلەتكە، ئىجتىمائىي گۇرۇھلارغا ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىغا تەخسىملىنىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەقسىماتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقسىماتنى ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى تەقسىماتىنىڭ خاراكترى ۋە مەزمۇنىنى بەلگىلەيدۇ. ئەكسىچە، تەقسىمات ئىشلەپچىقىرىشنى ئاقسىتىپ ياكى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئيىتىدە تەقسىمات ئانتاگونىيىلىككە ئىگە بولىدۇ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ئىشلىمەي چىشلەپ، تاغدەك مال - دۇنياغا ئىگە بولىدۇ. ئەمگەكچى خەلق بولسا ئەمگەك قىلىپمۇ ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالماي، موھتاجلىقتا ئۆتىدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ھەر كىمنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ئەمگىكىگە قارىتا ھەق ئېلىش پرىنسىپىىنى بەلگىلىگەن. ئىشلەپچىقىرىش، جۇغلانما ۋە تەقسىمات (ئىستېمال) پىلانلىق ۋە نىسبەت بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام شەرىئىتىدە مىراسنى تەقسىم قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىقنىڭ ئاساسىي تەرتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋارىسلىق قىلىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى قەرزلىرى بېرىپ تۈگىتىلىدۇ، دەپنە خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە ۋارىسلىق تەرتىپى ۋە ۋارىسلارغا تېگىدىغان مىراس نېسىۋىسى بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئومۇمىي سانى مەرھۇمنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. قالغان ئۈچتىن بىر قىسمى ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆز ئۈلۈشىنى، تېگىشلىكىنى ئاجرىتىپ بېرىش، تەقسىم قىلىش؛ بۆلۈش.
ئىش تەقسىماتى. دارامەت تەقسىماتى.