Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەقدىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەرەز، ئېھتىمال. ھال.
باھالاش.
پېشانىدىن كۆرۈش:
قاچان ۋابەستە ئولغۇم رىشتەئى ئىشقىڭغە ئۆزلۈكدىن، ماڭا لېكىن ئەسىر ئولماق چۇ تەقدىرى ئىلھادىمدۇر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاپشۇرماق، ئېيتماق، مەقسەتنى ئاغزاكى ئاڭلاتماق (كۆپلۈكى<تەقارىر>)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويۇلغان تارتىقۇلۇق.
ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا، تەغدىرنى ئۇجۇقتۇر، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل. گەر كەلتۈرەر بولسا ساڭا خىجالەت، ھېچ نەرسە قالدۇرما، ئۆلۈم بىر قىسمەت. پەلەك باتۇرغا باقار. پەلەك ئاۋۋال كور قىلار ئەقىل كۆرزىنى، كېيىن جايلار ئارقىللارنىڭ ئۆزىنى. پەلەككە تەڭرىدەك ھۆكمىم ئۆتكۈزسەن، پەلەكنى قىلاتتىم دۇنيانى بەرھەم، يىڭىدىن شۇنداق بىر پەلەك تۈزەتتىم، ياخشىلار تىلەككە يېتەتتى شۇ دەل. ئۇ ئىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۆز پېشانەمدىن كۆرىمەن، خەلققە ئارتىمەن. چېكەڭگە چۈشسە چەكچەيمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان، پېشانىگە پۈتۈلگەن كۆرگۈلۈك؛ قىسمەت.
تەقدىرگە تەن بەرمەك.
كېلەچەك، ئاقىۋەت، ئىستقبال.
بۇ يىغىن لەنگەر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي يىغىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ماددىي ۋە مەنىۋى مۇكاپات.
تەقدىرگە ئېرىشمەك.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئالىمجان ئىسمائىلنىڭ ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <تەقدىر> دېگەن پوۋېستى بىلەن <ساداقەت>، <باھالاش>، <چامادان> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.