Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تەڭ قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
等翅目
děngchìmù
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. ئادەتتە <ئاق چۈمۈلە> دەپ ئاتىلىدۇ. بەدىنى كىچىك ياكى ئوتتۇرا تىپلىق، ئاق ياكى سۇس سېرىق ھەم قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدىن قارا رەڭگىچە بولىدۇ. ئېغىز ئاپپاراتى تىپىك چاينىغۇچى ئاپپارات شەكلىدە، ئانتېننىسى تەسۋىيسىمان بولىدۇ. كۆپ تىپلىق، ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك (توپلىشىپ ياشايدىغان) ھاشارات ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش بىر كولونىيە ئىچىدىكى ئىندىۋىدلار مورفولوگىيە ۋە فۇنكىسيىسى جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان پەرقلىرى بولۇپ، كۆپىيىش تىپىدىكىلەر ۋە كۆپىيىش تىپىدە بولمىغان تىپتىكىلەر دەپ ئىككى چوڭ تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. كۆپىيىش تىپىدىكىلەردىن؛ قاناتلىق ۋە قاناتسىزلىرى بولىدۇ، قاناتلىق ئىندىۋىدلارنىڭ ئىككى جۈپ قانىتى تار - ئۇزۇن پەردە قانات بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى، شەكلى ھەم تومۇر رېتى سەل ئوخشاش بولغاچقا <تەڭ قاناتلىقلار ئەترىتى> دەپ ئاتالغان. كۆپىيىش تىپىگە كىرمەيدىغانلىرى پۈتۈنلەي قاناتسىز بولىدۇ. ئاق چۈمۈلىلەر يورۇقلۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۇۋا ياساپ ھايات كەچۈرىدۇ، ھاياتى يوشۇرۇن بولىدۇ. قاناتلىق يېتىلگەن قۇرتلار چېتىشىش ئۈچۈن ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئۇچقاندىن سىرت، باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى قاراڭغۇلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا كۆزى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ياغاچلاردا ياشايدىغانلىرى، توپىدا ياشايدىغانلىرى ۋە توپا - ياغاچلارغا ئالمىشىپ قوش ماكان تۇتۇپ ياشايدىغانلىرى بولىدۇ. ئۇلار ياغاچلار ياكى توپىغا ئۇۋا ياساپ ياشىغاچقا تۆمۈر يوللاردىكى شىپال، كۆۋرۈكلەر، ئۆي قۇرۇلۇشى ھەم توغان - تومبىلارغا زور زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھاشاراتتۇر. شۇنداقلا شېكەر قۇمۇشى، ئاپېلسىن - ماندارىنلار ھەم ھەرخىل دەل - دەرەخلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تروپىك بەلباغ، سۇپتروپىك بەلباغلارغا، ئاز ساندىكى تۈرلىرى مۆتىدىل بەلباغقا تارقالغان. ئۇلار مەملىكىتىمىزدە ئاساسەن چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان.
ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق
等翅目
děng chì mù