Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەڭپۇڭلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ تەڭلىكى، تەكشىلىكى.
مۇۋازىنەت كېتىپ بۇزۇلسا مىزاج، تېپىلماس دورا - دەرماندىن ئىلاج. ئېكولوگىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ناھايىتى زۆرۈر.
پسىخولوگىيە
پياجىت تەلىماتىدىكى بالىلارنىڭ بىلىش قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئۇقۇملارنىڭ بىرى. بۇ ئەسلىدە فىزىكا ئاتالغۇسى بولۇپ، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئامىلنىڭ بىر خىل تەڭپۇڭلۇق ۋە ماسلىشىش ئارقىلىق تەكشىلىشىشىنى ئىپادىلەيتتى. پياجىت بۇ ئاتالغۇ ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈش (ئاسسىمىلاتسىيە) ۋە ئۆزلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل فونكسىيە ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلىشىش ۋە ماسلىشىشنى چۈشەندۈرگەن. بالا بىلىش جەريانىدا يېڭى شەيئىگە دۇچ كەلگەندە ھامان ئۆز قېلىپى بويىچە ئۆزلەشتۈرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشمىسا، بۇ ئىشنى بىلۋېلىش بىلەن، بىلىش جەھەتتە ۋاقىتلىق تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ نەتىجە چىقمىسا، بالا ماسلىشىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى قېلىپنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى يېڭى قېلىپ ئوبيېكتىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىدۇ (ئۆزلەشتۈرىدۇ). بۇ شەيئىنى بىلىشنى ياكى بىلىش جەھەتتە تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا تەڭپۇڭلۇق مۇھىم ھالىقىلارنىڭ بىرى. پياجىت مۇنداق دەيدۇ: «ئەقلىي ھەرىكەت ئۆزلەشتۈرۈش (ئاسسىملاتسىيە) بىلەن ماسلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل فونكسىىيىگە تايىنىدۇ، ئەڭ دەسلەپكى تۇراقسىز تەڭپۇڭلۇقتىن تەدرىجى ھالدا تۇراقلىق تەڭپۇڭلۇققا ئۆتىدۇ». تەڭپۇڭلۇق ھەرىكەت ھالىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىدۇ، تۆۋەنرەك سەۋىيىدىكى تەڭپۇڭلۇق يۇقىرىراق سەۋىيىگە كۆتىرىلىدۇ. پياجىتنىڭ ئاتالمىش بىلىش قۇرۇلمىسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەريانىدا مانا شۇ خىلدىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەڭپۇڭ بولۇش، تەڭ - باراۋەرلىك.