Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تەپتىش ھۆكۈمەت
دۇنيا تارىخى
督政府
dū zhèng fǔ
1795 - 1799 - يىللاردا قۇرۇلغان. فرانسىيە بۇرژۇئازىيە جۇھمۇرىيەت ھاكىمىيىتى. مىللىي ئۇيۇشما 1795-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى يېپىلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ 3-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭىدىن سايلانغان سېنات ۋە 500 كىشىلىك كېڭەش ئورۇن بوشاتقان. ئىككى پالاتا بارراس، كارنوت، لېتوئۇرنېئۇر (1751 - 1817)، رېۋاېللىئېرى (1753 - 1824) ۋە رېۋېل (1747 - 1807) بەش نەپەر تەپتىش ئەمەلدارىدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى نۆۋەتلىك تەپتىش ھۆكۈمەتنى سايلاپ چىققان. بۇ ھۆكۈمەت تومۇز ئاي پارتىىسىدىكىلەرنىڭ لۇشيەنىنى داۋاملىق ئىجار قىلىپ، بىر تەرەپتىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ساقلاپ، پادىشاھلىق ھاكىمىەيتنى تىرىلىشىگە قارشى تۇرغان، قېچىپ كەتكەن ئاقۆسڭەكلەرنىڭ فرانسىيىگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان، خانپەرەسلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق توپلىڭىنى تىنچىتقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سايلىغۇچىلارنىڭ مال - مۈلۈك سالاھىيىتىگە چەك قويغان، ئىنقىلابىي دېموكراتىك كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، بابېئۇت رەھبەرلىكىدىكى باراۋەرچىلەرنى باستۇرغان، <كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن (1797 - يىلى)، چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى مىللىي قوغىدىنىش ئۇرۇشىنى تەدرىجىي ھالدا تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. ئۇ تۇراقسىز سىياسەت يۈرگۈزۈپ، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تۇراقسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، دۆلەتنى ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى تاجاۋۇزچىلىق ئىچىدە قالدۇرغان، ئاخىر ناپولېئون قوزغىغان <تۇمانلىق ئاينى ئون سەككىزىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش> تە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.
قانۇنشۇناسلىق
督政府
dū zhèng fǔ