Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەنتەنە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپچىلىك، شاۋشۇۋ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زىيادە شاد - خۇراملىق بىلەن قىلىنىدىغان پائالىيەت، كۆپىنچە مەرىكە - مۇراسىملارنى تەسۋىر لەپ ئېيتىلىدۇ.
ناداندىن زارلايدۇ ھەتتا تاغۇتاش، نادانغا تەنتەنە بولمايدۇ يولداش. قۇرۇق داغدۇغا قۇرۇپ قالغان ياغاچ دەبدەبە كىچىك ئىشقا ياراشمايدۇ. دوستلار ئارا ھەشىمەتنىڭ لازىمى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مۇھىم ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنى تەبرىكلەپ، ئالقىشلاپ، ئويۇن - تاماشا بىلەن شاد - خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم، پائالىيەت.
گېزىتخانا ئەتراپى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەنىدى.
ئۇچرىشىش، يىغىلىش ۋە مەرىكىلەردە خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ بېرىلغان ھەرىكەت ۋە كۈي.
سىلەر ئۇزۇن يول بېسىپ قىزىمنىڭ مەرىكىسىگە كېلىپ، تەنتەنىنى ئاشۇردۇڭلار!
غەلىبە، شادلىق تۇيغۇسى، كەيپىياتى؛ داغدۇغا.
تەنتەنە قىلماق.
- ياق، - دېدى لىتىپ گويا بىر ئەقىل تاپقاندەك تەنتەنە بىلەن.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1976 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق شائىرلار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئالقىشلىماق، دۇمباق چالماق (بۇ يەردە پەرزەنتى قارشى ئېلىش روھى نامايەن بولىدۇ)